تەشكىلاتچىلىق بىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟

Поделиться
HTML-код
  • Опубликовано: 5 янв 2025
  • تەشكىلاتچىلىق بىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟
    ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تەرىپىدىن قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاكادېمىيە لىكسىيەلىرىنىڭ بۇ قېتىمقىسى مەخسۇس تەشكىلاتچىلىق تېمىسىغا ئايرىلدى. تۈركىيەنىڭ سەھىيە تارماقلىرىدا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، تۈركىيەدە تەشكىلاتچىلىق ئىشلىرىدا مول تەجرىبىگە ئېگە، تاشكەنت دۆلەتلىك تىبابەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن دوختور پەرھات مەھمۇد قەشقىرى ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تەشكىلاتچىلىق بىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ دېگەن تېمىدا لېكسىيە بېرىدۇ.
    دوختور پەرھات مەھمۇد قەشقىرى ئەپەندى بۇ لېكسىيەسىدە، تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولالىشى ئۈچۈن ئىدارەلىشىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئىدارەلىشىش تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئەمەلىي ۋە كونكرىت ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەمگىكى، ئىش-ھەرىكىتى ۋە پوزىتسىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، بۇ نۇقتىدا دىققەت قىلىشقا ياكى مۇھىم دەپ قاراشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم خۇسۇسى مەسىلىلەر ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. لېكسىيەدە يۇقارقى مۇھىم نوقتىلار مۇلاھىزە قىلىنىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تەشكىلاتچىلىققا بولغان تونۇشنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىش ئۈنۈمىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرىلىشى ئۈچۈن تەۋسىيە ۋە تەجرىبە ساۋاقلار يەتكۈزۈلىدۇ.

Комментарии •